ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى لەپىلدىدى

تۈركىيە سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن ئۇيغۇر قىز دىلنۇر ئۆزتۈرك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇمىدى.

دىلنۇر ئۆزتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە، ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەنلا ئەمەس، بەلكى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، قەلب سۆزلىرىنى تۆكۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان چەكلىمىلەرنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيە سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمۇ تىزىلدى. دىلنۇر ئۆزتۈركنىڭ سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رىياسەتچى ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈن ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ يېنىدا لەپىلدىگەن كۆك بايراقنىڭ ھامان بىر كۈنى تېگىشلىك جايىدا قايتا لەپىلدەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 44 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق