خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن، 30-ئىيۇندىن 6-ئىيۇلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابى، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بولۇپ، بۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كېلەر ئايدا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا سۆھبىتى قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، خىتاي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماقتىكەن. خىتاي بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك، 2021-يىلى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

بۇ يىلقى خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشى 24-ئىيۇلدىن 25-ئىيۇلغىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغاچقا، خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سودا-ئىقتىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقى ۋە بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشى، تولۇقلىما پۇلى ئارقىلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى چەت ئەلگە تۆكمە قىلىپ سېتىشى، توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنى قالايمىقان قىلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا ياكى ئويلاشماقتا.

بۇ خەۋەر 38 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق