قولى قانغا بويالغان ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭ ئالماشتۇرۇلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان، قولى قانغا بويالغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭ ئىسىملىك خىتاي ئەمەلدار ئالماشتۇرۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»دىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلارنى تەڭشىگەنلىكى، ما شىڭرۈينىڭ بۇندىن كېيىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋە پارتىيە كومىتېتى ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى، چېن شياۋجياڭ ئىسىملىك خىتاينىڭ ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا كېلىپ، يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بۇ قارارنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، «چوڭقۇر تەتقىق قىلىش» ئارقىلىق چىقىرىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن شياۋجياڭ 1962-يىلى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە 20-نۆۋەتلىك خىتاي مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ئىكەن.

ما شىڭرۈي 2021-يىلى 12-ئايدا قولى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق، قاتتىق ئىجرا قىلغانىدى.

خىتاينىڭ ئىلگىرى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چېن شياۋجياڭنى تۇيۇقسىز ۋەزىپىگە قويۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 40 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق