تىرامپ TikTok ئۈچۈن خېرىدار تاپقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok نى سېتىۋالىدىغان خېرىدار تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر توپ ئىنتايىن باي كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ يەكشەنبە كۈنى فوكس قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان ۋە كېڭىشىۋاتقان مەزكۇر سودىنىڭ خىتاي تەرەپتىنمۇ تەستىقلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما شى جىنپىڭنى تەستىقلايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

نۆۋەتتە TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى ئابۇنىتلىرى 170 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم تەتقىقات ئورگانلىرى TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارەت قىممىتىنىڭ 40 مىليارد دوللاردىن 50 مىليارد دوللارغىچە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؛ يەنە بەزى ئانالىزچىلار بولسا 30 مىليارد دوللاردىن 35 مىليارد دوللارغىچە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئالغا دۇچ كەلدى. ئەمما ئۇ بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تەمىنلىگۈدەك ئۇچۇرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەپسىلىي جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە خىتاينىڭ ByteDance شىركىتىگە تەۋە TikTok سۇپىسى ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى خالىغان بىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىپ بەرمىسە، بۇ يىل 19-يانۋار ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما پىرېزىدېنت تىرامپ 20-يانۋار ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغاندا، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىقنى تاللىغان ۋە باشتا ۋاقىت چېكىنى ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىغا، كېيىن يەنە 19-ئىيۇنغا ئۇزارتقان. 19-ئىيۇن بولسا يەنە ئاخىرقى مۇددىتىنى 90 كۈن ئۇزارتىپ بەرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 45 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق