ئامېرىكا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتتە ئىككى خىتاي جاسۇسى قولغا چۈشتى

 

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇن ئىككى خىتاينىڭ ھەربىي ئۇچۇر توپلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىچىدىن ئۇچۇر تەمىنلىگۈچلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئورېگون ئىشتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن يۈەنسې ئىسىملىك خىتاي ۋە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كەلگەن لەي لىرېن ئىسىملىك ئىككى خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ ۋەقە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، سودا ۋە كۆچمەنلەر قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى پام بوندى ئالاقىدار باياناتىدا: «ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزدە جاسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېگەن.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەرزىگە ئاساسلانغاندا، لەي لىرېن ئىسىملىك خىتاي تەخمىنەن تۆت يىل ئىلگىرى چېن يۈەنسې ئىسىملىك خىتاينى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان. ئىككى خىتاي جاسۇس يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا ئۇرۇنغان ۋە خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

ئەيىبنامىدە ئامېرىكىدا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مەزكۇر ئىككى خىتاي جاسۇسنىڭ ھەرىكىتىگە ياردەم قىلغان تېخىمۇ چوڭ تورنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

جاسۇسلۇق پىلانى يەنە خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن مەخپىي خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىغا شارائىت ھازىرلانغان.

مەزكۇر ئىككى خىتاي ئالدىنقى ھەپتە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك جاسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇلار خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى تىزىمغا ئالدۇرمىغان خادىملىرى سۈپىتىدە ئەيىبلەشكە دۇچ كېلىدىكەن.

 

 

بۇ خەۋەر 61 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق