ئىسرائىلىيە خىتاينى ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

 

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدىكى بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتاي رېجىمىنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى ئارقىلىق، ئىراننىڭ «ھەربىي ۋە يادرو قارا نىيىتى»نى توسۇشقا چاقىردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى راۋىت بايېر 1-ئىيۇن بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئىرانغا تەسىر قىلالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي ئىراننىڭ نېفىتىنى سېتىۋالمىسا، ئىران ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىرانغا بېسىم چۈشۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ يەنە: «مەن خىتاينى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ياراشتۇرغۇچى رولىنى ئويناشقا قىزىقىدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى ياراشتۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، شۇنداقلا زور خىراجەت ۋە قىيىن قارارلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.

ئۇ خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىدىن بۇيان زىددىيەتلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ناچارلاشمىغانلىقىنى، يەنىلا ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، سىياسىي جەھەتتىن ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىنىڭ بايانلىرى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سىياسىي ۋاسىتىلەر بىلەن تىنچ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش يولىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىراننىڭ %90 نېفىت ئېكسپورتىنى خىتاي سېتىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ ھەر كۈنى بىر مىليون 700 مىڭ كۈپ نېفىتكە توغرا كېلىدىكەن. 2021-يىلى خىتاي بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، خىتاي كەلگۈسى 25 يىل ئىچىدە ئىرانغا 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مەبلەغ سېلىشى كېرەك ئىكەن.

شۇنداقتىمۇ، خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئىستراتېگىيەسىگە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق ئىكەنلىكى ئىلاۋە قىلىنغان.

 

 

بۇ خەۋەر 70 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2025 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق