ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان غايەت زور تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن خىتاينىڭ توختاۋسىز تالان-تاراجلىرىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك بايلىق زاپىسى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار ئارقىمۇئارقا بايقالماقتا. بۇنىڭ جۈملىسىدىن، يېقىندا خىتاينىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان غايەت زور «سېلىن بەلبېغى»نى بايقىغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى ۋە خىتاي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى شىئەن گېئولوگىيە تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا 210 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن تۇپراققا قارىتا خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنى تاماملىغانلىقى، تۇپراقتىكى 54 خىل ئېلېمېنت ۋە كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ چىققانلىقى، بۇ جەرياندا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ 1000 كىلومېتىر توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان «سېلىن بەلبېغى»نى بايقىغانلىقى، بۇ تەكشۈرۈشكە توققۇز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر «سېلىن بەلبېغى» شەرقتە قاراشەھەر ئويمانلىقىدىن باشلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئۆتۈپ، غەربتە قىزىلسۇغىچە بارىدىكەن. سېلىن ماددىسى مول يەرلەر 49 مىليون موغا يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 11 مىليون 300 مىڭ موغا يېتىدىكەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %27 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
سېلىن (Se) بولسا ئاتوم نومۇرى 34 بولغان ئېلېمېنت بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك سېلىن ماددىسى كۆپ تۇپراقلاردا ئۆسكەن زىرائەتلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەلىرى»نىڭ سۇ بايلىقى مول بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنىلا ئەمەس، سېلىنغا ئوخشاش مۇھىم ماددىلار مول بولغان ئەۋزەل تۇپراقلارنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.