خىتاي ئالدىنقى ھەپتە قەشقەردە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كوماندىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان بولسا، بۇ ھەپتە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق Conifa ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى لەپىلدىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق «قەشقەر لوڭقىسى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 24-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن جەمئىي 12 كوماندا قاتناشقان ۋە جەمئىي 26 مەيدان مۇسابىقە ئوينالغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلارنى، پائالىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، خەلقنىڭ باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى»دەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ تاماشىبىن سۇپىسىغا دۇتار، تەمبۇر، راۋاب تۇتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇرغۇزۇلۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقى»نى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.
مەزكۇر ساختا تەشۋىقات مۇسابىقىسىنىڭ ئەكسىچە، 1-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان 2025-يىللىق Conifa ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەيداندا لەپىلدىگەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى مەزكۇر خەلقئارالىق سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
2-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى تۇنجى مۇسابىقىسىنى تامىل ئېلام كوماندىسى بىلەن ئوينىدى. شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى مەيدانغا كىرگەندە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىق خاتىرىلەنگەن چوڭ پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانى بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرىق قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ، كۈچلۈك كوماندا ھېسابلىنىدىغان تامىل ئېلام كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزدى. شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى تۇنجى قېتىم مەزكۇر خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ، پەرقنى ئازايتتى. ئاخىردا مۇسابىقە 2:1 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى 3-ئىيۇل يەنە تىبەت كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، 6:4 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى ۋە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 2-لىككە ئېرىشتى. يۇقىرىقى نەتىجىلەرگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى 2025-يىللىق Conifa دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
پۇتبول ئۇيغۇرلار سۆيۈپ ئويناپ كەلگەن تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پۇتبول سەھنىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن مەۋجۇتلۇقىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ئىرادىسىنى، تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلماقتا.