خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى يىللاردىن بۇيان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، شاھىتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ، ئىسپاتلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش پىلانى بۇ مەسىلىگە قايتىدىن دىققەت قاراتتى.
ئەنگلىيەنىڭ تېلېگراف تورى 3-ئىيۇل ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ۋە بۇ ھەقتىكى پىلانلىرى ئانالىز قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سەھىيە تارماقلىرى 2030-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىن يەنە ئالتىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزى توققۇزغا يېتىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى بۇلتۇر 12-ئايدا چىقىرىلغان بولۇپ، يېقىندا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولغان «خىتاينىڭ قالايمىقان ئەزا كۆچۈرۈش زوراۋانلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدىغانلىقىنى، مەلۇم بەلگە قويۇلغانلارنىڭ تېزلا غايىب بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى يىغىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 39 مىليون نوپۇسقا ئىگە گۈيجۇ ئۆلكىسىدە ئەزا كۆچۈرەلەيدىغان دوختۇرخانىدىن پەقەت ئۈچى بار بولۇپ، نوپۇسى تېخىمۇ ئاز بولغان ۋە ئورگان تەقدىم قىلىش نىسبىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن ئون ھەسسىگە يېقىن تۆۋەن بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ توققۇزغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى قاتتىق ئەندىشە ۋە دىققەت قوزغىماقتا.
گەرچە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئالدىنقى ئەسىردىن تارتىپ تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ تىرىك ھالدا ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنىڭ نىشانى بولۇۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا.