بۇندىن 16 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇشى بىلەن تارىخ بېتىگە خاتىرىلەنگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شېھىتلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەندى.
بۇنىڭ جۈملىسىدىن 5-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشتا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، ئىشغالىيىتىگە قارشى تۈرلۈك شوئارلار توۋلاندى.
ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان 26-ئىيۇن شاۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى جەريانىدىكى خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى، بۇ جىنايەتنىڭ بىر تۈركۈم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توسۇش پۈتۈن دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە بارغانلىقىنى، مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىككىنچى ئەندەلۇس»قا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، خۇسۇسەن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇنىڭدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن پارلامېنتلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تونۇلغانلىقىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كۆز بويامچىلىقىغا ئالدانماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن تۈركىيە ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى سەيفەتتىن گۈلەر سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نامايىش ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 16 يىللىقىنى نامايىش، يىغىلىش، خەتمە قۇرئان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى.