خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىگە قارشى ئۈن چىقارغانلار جازالانماقتا

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەت ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان، كېڭەيتىلىۋاتقان ۋە كۈچلۈك تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تور دۇنياسىدا بۇنىڭغا قارشى ئازراققىنا ئاۋاز چىقارغانلارنىمۇ جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يېقىندا ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندا، خىتاي بىلەن توي قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ توردا ئۆزى ھەققىدە قالايمىقان سۆز قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ئايالنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭ دوۋيىنغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى سىنلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىشى ۋە توردا ئاشكارا تەشۋىق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ سەۋەبلىك ئىنكاس يازغان ئۇيغۇر ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئىككى ھەپتە قاماپ قويۇلغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، مەزكۇر ئايالغا تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلانغان،

سىندىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئايال ئىلگىرى يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە قارشى ئىنكاس يازغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئالتە ئاي قاماقتا ياتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھېچكىمنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغانلىقىنى، شۇڭا توردا قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىق كېرەكلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر سىن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ سىستېمىلىق پىلانلىشى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىكى قاتتىق نازارەت، باستۇرۇش جىنايىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى نوپۇسىنى ئازايتىش، يوقىتىش پىلانىنى زور تۈركۈمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش، قىرغىن قىلىش، ئەر-ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، خىتايلارنى زور تەمىنات ئارقىلىق بۇنىڭغا قىزىقتۇرۇپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلماقتا.

يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھېسابلىرى بىردىنلا كۆپىيىپ قالغان. نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان مەزكۇر ھېسابلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئومۇمەن ئۆزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، چوشقا گۆشىنى تەڭ يەيدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىدەك تەشۋىقاتلارنى بازارغا سالماقتا. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلارنى پىلانلىق ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس بولۇپ، بۇ خورلۇقلارغا چىدىماي ۋىجدان ئازابى تارتقان ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئازغىنە بولسىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما كۈتۈلگىنىدەك خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

 

 

بۇ خەۋەر 100 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2025 18:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق