خىتاي ئالاھىدە ساقچىلار مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى تەكىتلىدى

خىتاي بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئالاھىدە ساقچىلار مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش» قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرىنى تەكىتلىدى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئالاھىدە ساقچىلار مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەش كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر مۇسابىقىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى 50 كە يېقىن ساقچى تارمىقىدىن 500 دىن ئارتۇق ئالاھىدە ساقچى قاتناشقان.

ئالاقىدار خەۋەردە مۇسابىقىنىڭ بومبا بايقاش ۋە چۇۋۇش، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغلاپ زەربە بېرىش، توسالغۇلاردىن ئۆتۈش قاتارلىق تۈرلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئالاھىدە ساقچىلار مۇسابىقىسى بۇلتۇر خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىقنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداش» جەھەتتە تۇيۇقسىز زەربە بېرىش رولىنى ئويناپ كەلگەنلىكى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى قۇرۇلۇشىغا ۋە مەشىقلەندۈرۈشكە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىن، پائالىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈپ، ساختا تەشۋىقات سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ھەربىي مانېۋىر، مەشىق ۋە مۇسابىقىلەرنىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. مەسىلەن، خىتاي بۇلتۇر ئىيۇل ئېيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنىدى.

بۇ خەۋەر 50 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2025 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق