خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا ساياھەتچىلىكنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تونۇلماقتا. بۇنداق بىر شارائىتتا ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىلەر 130 مىليوندىن ئاشقان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچى 132 مىليون 777 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.15 ئاشقان. ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 142 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.59 ئاشقان.
خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىلى خىتاينىڭ يازلىق تەتىللىك ساياھىتى شەھەرلىرى ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەيدىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ساياھەتلەر خىتاي تەسىس قىلىپ بېكىتكەن ساياھەت نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پەقەت قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرلا 13 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىدە خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ياساپ چىققان قاتناش لىنىيەلىرى، خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇندىن ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تەخمىنەن 300 مىليون ساياھەتچى بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5 مىليونى چەت ئەللىك ساياھەتچى ئىكەن ۋە بۇ سان 2023-يىلىدىكىدىن %50 ئارتۇق ئىكەن. خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە زور ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»گە كۆپلىگەن خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى ۋە مېھمانخانىلار چېتىشلىق بولۇپ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم نوپۇزلۇق دوكلاتلار ئېلان قىلىنغانىدى ۋە مەزكۇر شىركەتلەر خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلەشكە، ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىغانىدى.