خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئاسسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش» قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلمەكتە.
يېقىندا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى چاقىلىق ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى بولغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاينىڭ چۇەنجۈ تىياتىرىدىكى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تاماشىبىنلارغا سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە ئالىمجان قۇربان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتايلارنىڭ چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى بىر كۆرۈپلا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقى، كېيىن مەخسۇس خىتاي ئۆلكىسىگە بېرىپ بۇ ماھارەتنى ئۆگەنگەنلىكى، خىتاي مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكەنلىكى، كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىپ ئويۇن كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىدەك كۈلكىلىك، ئويدۇرما ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ خىتايلارنىڭ بۇ ماھارىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا «يىلتىز تارتقۇزۇش» ئۈچۈن، ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغانلىقى، نەتىجىدە راۋاب مۇزىكىسى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى»نى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن كىيىم بىلەن ئويۇن قويغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ يەنە كۇرس ئېچىپ بالىلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان خىتاي مەدەنىيىتىگە قارىتا يەكلەش، سەسكىنىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىلا ئەمەس، كۈلتۈر، سەنئەتلىرىنىمۇ چەكلەپ، بۇرمىلاپ، ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە، كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان پىلانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «خىتاينىڭ تۈرلۈك ئەنئەنىۋى سەنئەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ، جاپالىق ئۆگىنىپ چىققانلىقى»دەك ئويدۇرما ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق، ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سالماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭ ئىسىملىك خىتاي ئەمەلدار ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چېن شياۋجياڭنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تېخىمۇ كۈچىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.