ئىتالىيە ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى بىر خىتاي خاككېرنى قولغا ئالغان بولۇپ، يەنە بىر خىتاي قېچىپ يۈرمەكتىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، شۈ زېۋېي ئىسىملىكى بىر خىتاينىڭ ئىتالىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، جاڭ يۈ ئىسىملىك يەنە بىر خىتاينىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار 2020-يىلى 2-ئاي ۋە 2021-يىلى 6-ئايدىكى خاككېرلىق ھۇجۇملىرىغا چېتىشلىق بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى نەچچە مىڭلىغان كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىپ، سۇقۇنۇپ كىرگەن.
ئەيىبلەش ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خىتايلار خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بولغان شاڭخەي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، تور ھۇجۇمى قوزغىغان.
ئۇلار 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ۋە ۋىرۇس ئىلمىگە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى نىشانلاپ خاككېرلىق ھەرىكىتى ئىجرا قىلغان. تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مۇتەخەسسىسلەر ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىنىسى، داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر خىتايلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ، شاڭخەي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا دوكلات قىلىپ تۇرغان.
2021-يىلى مەزكۇر خاككېرلار يەنە HAFNIUM دەپ ئاتالغان خاككېرلىق تەشكىلاتى نامىدا، ئامېرىكىدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت، ئورگاننىڭ سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋە 12700 دىن ئارتۇق شىركەت، ئورگاننىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان.
نۆۋەتتە مەزكۇر خىتايلار توققۇز تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق تورىغا زەربە بېرىشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئىككى خىتاينى ھەربىي ئۇچۇر توپلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىچىدىن ئۇچۇر تەمىنلىگۈچلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانىدى.