چاقماق خەەر

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس چېگرا مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ چىڭخۇا ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسۇس چېگرا مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈشى ۋە بارغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ما شىڭرۈينىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ چىڭخۇا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلار 30-ئىيۇندىن 7-ئىيۇلغىچە شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشكە بارغان. گۇرۇپپىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئورۇن ئالغان.

پېڭ چىڭخۇا بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئىلى، بورتالا، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە جايلاشقان چېگرا بويىدىكى ناھىيە، شەھەرگە بارغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پېڭ چىڭخۇا شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، كومپارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى ۋە دىۋىزىيەنىڭ بىرىكمە كۈچىدىن پايدىلىنىش، خىتاينىڭ «قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنى»نى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە چېگرا رايونىنى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئورتاق قوغداش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەش ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ قېتىم بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. بۇ قېتىم پېڭ چىڭخۇانىڭ مەخسۇس چېگرا مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىشى ۋە بارغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراچىسى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا باشقا خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 182 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2025 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق