خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىرلەشمە قۇرۇلدى

 

خىتاي تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەش تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتايدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مائارىپ خادىملىرى بىرلەشمىسى» قارامايدا قۇرۇلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇابېي ئېلېكتىر سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 19 ئۇنىۋېرسىتېت 7-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مائارىپ خادىملىرى بىرلەشمىسى»نى رەسمىي قۇرۇپ چىققان.

خەۋەردە خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاراماي مەكتەپ رايونىدا قۇرۇلغان مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ ئورتاق سىياسىي تەربىيە بازىسى قۇرۇش، ئالاھىدە دەرسلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى نىشان قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ياشلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا قېلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا قېلىپ خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85 نى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قانداقتۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مائارىپ ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى، خۇسۇسەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس بولۇپ، ئالاقىدار خەۋەردىمۇ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئاققۇنلىرىنى زور تەمىنات، ھەقسىز ئۆي، يۇقىرى مائاشلىق مۇقىم خىزمەت قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرمەكتە. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

 

 

بۇ خەۋەر 149 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2025 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق