ئامېرىكا خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى ئىزچىل تەكشۈرمەكتىكەن

خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل سۇپىلىرى خەلقئارادا ئوخشىمىغان تەرىقىدە بازار ئىگىلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇلغان-ماسلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئىزچىل باھالاپ كەلمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقى باھالاش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا باھالىنىۋاتقىنى بولسا ئەلىبابا شىركىتىنىڭ Qwen 3 سۈنئىي ئەقىل مودېلى ۋەDeepSeek نىڭ R1 مودېلى ئىكەن. باھالاش جەريانىدا خىتاينىڭ مەزكۇر سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرىدىن خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە مۇئەييەن سوئاللار سورالغان ۋە جاۋابلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرىگە قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقى باھالانغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى باھالاش نەتىجىسىنى ئاخىرىدا ئاشكارا ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يۆنىلىشكە ئىگە بولغان سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر بىر يېڭى نۇسخىسىدا چەكلىمىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇ خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە DeepSeek نىڭ خىتايغا نىسبەتەن سەزگۈر تېمىلارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقى ياكى يوشۇرىدىغانلىقى ئىلگىرىمۇ ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىش تەلەپ قىلىنغاندا، دەسلەپتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن تارتىپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مېڭە يۇيۇشقىچە بولغان جىنايەتلەرنى ئەينەن كۆرسەتكەنلىكى، بىراق بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، بۇ جاۋابنى قايتۇرۇۋالغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىغانىدى.

بۇ خەۋەر 171 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2025 19:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق