ئىككى يىلدا بىر ئېچىلىدىغان يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى قايتا تەكىتلەندى

 

خىتاينىڭ 10-قېتىملىق ئاتالمىش «مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» خوتەندە ئېچىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن مەزكۇر يىغىن 7-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە خوتەندە ئېچىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىن ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان. يىغىنغا يەنە ئاتالمىش «ياردەم بېرىۋاتقان» 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم مەركىزىي ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش تەدبىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» 2023-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا قەشقەردە ئېچىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىنغىمۇ ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشقانىدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تەكرارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى بۇرۇنقىدىن پەرقلىق ھالدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلاپ كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ خىل سىياسىتى ۋە ئالاقىدار يىغىن، پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماقتا.

بۇ قېتىملىق يىغىنمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قىلچە بوشاتماي، داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 

 

بۇ خەۋەر 112 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2025 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق