ئامستېردام پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى

9-ئىيۇل ئامستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدا DENK پارتىيەسى سۇنغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، 13 كە قارشى 26 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى  DENKپارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان كويۇنجۇ ئامستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىغا سۇنغان بولۇپ، تەكلىپتە ھۆكۈمەت باياناتلىرى ۋە ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

سۇلايمان كويۇنجۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۈگۈن ئامستېردام پەقەت بىر ئىسىم تاللىمىدى، بەلكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر خەلقنىڭ يېنىدا تۇردى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئامستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدا بۇ تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنىڭ سىياسىي ماھىيىتىنى كۆزدە تۇرۇپ، بۇ ئاتالغۇنى ھۆكۈمەت نامىدىن ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقتىمۇ نۆۋەتتىكى دۇنيا سىياسىتىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ قەدەمنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

بۇ يىل ئاپرېل ئېيىداDenk  پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې گوللاندىيە پارلامېنتىغا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىدا ۋە ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمما تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 131 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2025 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق