پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى 10-ئىيۇل بىر ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ئىجرا قىلىنغان ھەرىكەتتە 50 كە يېقىن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 149 كىشىنى قولغا ئالغان.
پاكىستان دۆلەتلىك تور جىنايىتى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەرىكەت جەريانىدا ساقچىلار پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى ھېسابلىنىدىغان فايسالئابادتا چوڭ تىپتىكى چاقىرىش مەركىزىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ مەركەز شاخلىتىپ سېتىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ئىكەن.
قولغا ئېلىنغان 149 كىشىنىڭ 71 ى چەت ئەللىك بولۇپ، ئۇلارنى مۇتلەق كۆپ قىسمى، يەنى 48 ى خىتاي ئىكەن. ساقچىلارنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئالدامچىلىق شايكىسى WhatsApp، TikTok، YouTube ۋە Telegram قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان.
يېقىنقى يىللاردا خىتايلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى ئارقىمۇئارقا پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇ يىل 5-ئايدا تۈركىيەنىڭ 30 غا يېقىن ۋىلايىتىدە ئىجرا قىلغان ھەرىكەتتە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان غايەت زور تور ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىپ، 70 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغانىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەت تورىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە چېتىلىدىغانلىقى، ئالدامچىلىق ئارقىلىق بىر يىلدا دۇنيا مىقياسىدا ئېرىشكەن پايدىسىنىڭ 12 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى پاش قىلىنغانىدى.