خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ئىزچىل تەرىقىدە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ جىنايەتلىرىنى ئەزا تەقدىم قىلىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر بولسا خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە مانھېيم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسى مەسيۇ روبېرتسون 11-ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدە ئەزا تەقدىم قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تەمىنلىگەن رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا روشەن ساختىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەزا تەقدىم قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئىچكى ئەزا مەنبەسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەتقىق قىلغانلىقىنى، مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلاردا ماسلاشماسلىق ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
روبېرتسون ئۇيغۇرلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان، سۈيدۈكلىرىنىڭ ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ كۆپ قېتىم سىستېمىلىق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچلۈك گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق زور مىقداردا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ئۈچۈن ئىچكى ئەزا مەنبەسىگە ئايلانغان. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاينىڭ 2030-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىن يەنە ئالتىنى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ توققۇزغا يېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ پىلانى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.