خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋە ئارىلاشما تەھدىتلىرىگە قارشى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى

خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋە ئارىلاشما تەھدىتلىرىگە قارشى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى

(مىركامىل كاشغەرىي)

كىرىش سۆز: بەسىرەت ۋە پاراسەتكە چاقىرىق

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇرۇشلار پەقەت زەمبىرەك ۋە مىلتىق بىلەنلا قىلىنمايدۇ. ئەقىل، پۇل، تېخنىكا ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئىدراك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئارىلاشما»، يەنى مۇرەككەپ ۋە كۆرۈنمەس بىر كۈرەش داۋاملاشماقتا. بۇ يېڭى تەڭلىمىنىڭ مەركىزىدە، ئىقتىسادىي گىگانت بولۇشتىن ھالقىپ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ سىستېمىسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تېڭىش ئىددىئاسىدىكى خىتاي تۇرماقتا. تۈركىيە ئۈچۈن بۇ ئەھۋال، ئاددىي بىر تىجارەت ياكى دىپلوماتىيە مەسىلىسى ئەمەس. بۇ، ھەم تاشقىرىدىن ھەم ئىچكىرىدىن يۈزلىنىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۈممەتنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ئامانىتى بولغان مەزلۇملار ۋە كېلەچىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك، چوڭقۇر بەسىرەت ۋە پاراسەتنى تەلەپ قىلىدىغان تارىخىي بىر سىناقتۇر. بۇ يازما، خىتاينىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە ئۈنسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ يەرلىك ئۇلانمىلىرىنى ئاشكارىلاشنى ھەمدە بۇ سىناققا قارشى تۇتۇشىمىز كېرەك بولغان ئىسلامىي ۋە مىللىي مەيداننى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 1. ئەقىل ۋە بىلىمنىڭ يۈرىكىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر: «تىرويا ئېتى» ھەرىكەتلىرى

بىر مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ خەزىنىسى، ئۇنىڭ تانكىلىرى ياكى زاۋۇتلىرى ئەمەس، بەلكى ئىمانلىق ياشلىرىنىڭ ئەقلى ۋە بىلىمىدۇر. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى دەل مۇشۇ خەزىنىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئەقلىي مۈلۈك

«مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرىمىز» دېگەن نامدا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزغا ئورۇنلاشقان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، مەسۇمانە بىر تىل ئۆگىنىش كۇرسىدىن تېخىمۇ ھالقىغان ئوبرازلارغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.[1] ئەسلى مەقسەت، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، سۈنئىي ئىدراك، بىيوتېخنىكا قاتارلىق ئەڭ ھالقىلىق ۋە كېلەچەككە يۈزلەنگەن ساھەلەردىكى ئىلمىي بىلىم- خەزىنىلىرىگە، لايىھەلىرىگە ۋە يېتىشكەن ئىنسان كۈچىگە ئېرىشىشتۇر. بۇ، مىللىي سەرمايىمىز بولغان بىلىمنىڭ، ئۆزىمىز بىلمىگەن ھالدا خىتاينىڭ نىشانلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە سىرتقا چىقىپ كېتىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ، مىللەتنىڭ ئەقلى ۋە كېلەچىكىنى گۆرۈگە ئىلىۋېلىشنى نىشان قىلىدىغان ھەرىكەتتۇر.

ئىلمىي سالاھىيەت ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى: خىتايدىن كەلگەن ئاكادېمىكلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك بىر نەزەر

مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ، ئاكادېمىك ئۇنۋانلارنى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغانلىقى مەلۇم. بۇ دائىرىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش دۆلەت قۇرۇلمىلىرىدا «پىروفېسسور» قاتارلىق ئاكادېمىك ئۇنۋانلارنىڭ، ھەر ۋاقىت خەلقئارالىق ئىلمىي سالاھىيەت ئۆلچەملىرىدىن زىيادە، تۈزۈمگە بولغان ساداقەتنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشىلەر مەۋجۇت. بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى نەزەرگە ئېلىنغاندا، تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر تۈس ئالىدۇ.

خىتايدا تۇرغان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا بارىدىغان قىلمىشلارغا قارشى سۈكۈت قىلغان، ھەتتا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇش لايىھەلىرىنى تۈزۈپ سۇنغان بىر شەخسنىڭ، «پىروفېسسور» ئۇنۋانى بىلەن تۈركىيەگە كېلىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن دىققەت بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەك بولغان بىر ئەھۋالدۇر. بۇ ئەھۋال، يوشۇرۇن بىر «تىرويا ئېتى» سېنارىيەسىنى ئەسلىتىدۇ. مەزكۇر كىشى، ئىگە بولغان ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىشلىتىپ تۈركىيەدىكى ئاجىز ئۇيغۇر مۇھاجىرەت جامائىتى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇچۇر توپلىشى ياكى ئىختىلاپ تېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكادېمىك كىملىكى ئاستىدا تۈرك زىيالىيلىرى ھەققىدە ئاخبارات توپلاپ خىتايغا يەتكۈزۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزىدىغان بىرلەشمە سەپ خىزمەت بۆلۈمى (United Front Work Department) قاتارلىق قۇرۇلمىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان جاسۇسلۇق دېلولىرى، خىتاينىڭ ئاكادېمىك ۋە سىياسىي ساھەلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قانداق ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ بىلىم ۋە ئېتنىك كىملىكنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، بىر ئىستىخبارات قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت بىر مىسالىدۇر. شۇڭلاشقا، خىتايدىن ئاكادېمىك ئۇنۋانلار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش بىر مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ تەكشۈرۈشتە، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنۋانلىرىنى خەلقئارالىق ئىناۋىتى بار ئىلمىي خىزمەتلەرگە ئاساسەن ئالغانلىقى ياكى خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنىڭ بىر مۇكاپاتى سۈپىتىدە ئالغانلىقى ئېنىقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ تۈركىيەنىڭ ئاكادېمىك مۇستەقىللىقىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك بىر تەدبىر.

 2. ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ۋە مىللىي خەۋپسىزلىك: ئۆسۈم تۇزىقىدىن ئاخبارات تورىغىچە

دىنىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە غۇرۇرىنى قوغدىشىنى، باشقىلارغا موھتاج ۋە بېقىندى بولۇپ قالماسلىقىنى ئەمر قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى، بۇ ئىززەتنى ۋە مۇستەقىللىقنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

شىركەتلەر ۋە ئىستىخبارات قانۇنى:

خىتايدا 2017-يىلى چىقىرىلغان دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى، ھەر بىر خىتاي شىركىتى ۋە پۇقراسىنى، دۆلەت تەلەپ قىلغاندا ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە ۋە ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. يەنى، تۈركىيەدە پورت قۇرغان، 5G ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغان ياكى تېخنىكا ساتقان بىر خىتاي شىركىتى، پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئېرىشكەن بارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇشقا مەجبۇردۇر. بۇ، ئىقتىسادىي پائالىيەت نامى ئاستىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشى دېمەكتۇر.

قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى:

زور مىقداردىكى قەرزلەر بىلەن قىلىنغان مەبلەغلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن «قەرز توزىقى»غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. قەرزىنى تۆلىيەلمىگەن دۆلەتلەر، پورتلىرىنى، ئايرودۇرۇملىرىنى ياكى ئىستراتېگىيەلىك ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ، ئۆسۈمنىڭ ۋە قەرزدارلىقنىڭ بىر مىللەتنى قانداق ئەسىر قىلالايدىغانلىقىنىڭ زامانىۋى بىر مىسالىدۇر. ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق، مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

 3. ئۈممەتنىڭ ئامانىتى ۋە ۋىجدان سىنىقى: قېرىنداشلىقىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان «پىتنە» ھەرىكەتلىرى

بەلكىم ئەڭ ئېچىنىشلىق ھەرىكەتلەر، تۈركىيەگە سېغىنغان مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ، ھەم مىللىي خەۋپسىزلىكىمىزگە ھەم ئىسلامىي ۋىجدانىمىزغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ھۇجۇمدۇر.

«گۆرۈگە ئېلىش سىياسىتى» بىلەن تەھدىت سېلىش: خىتاي ئىستىخباراتى، تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىپ تەھدىت سالالايدۇ. بۇ تەھدىت، ئىسپانىيە مەركەزلىك «Safeguard Defenders» تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆز بايانلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان.[2] بۇ، بىر ئىنساننى ئەڭ مۇقەددەس باغلانمىلىرى ئارقىلىق، سېغىنغان ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر زۇلۇمدۇر.

«پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يامان»:

قېرىنداشنى قېرىنداشقا قارشى قىلىش: خىتاينىڭ يەنە بىر تاكتىكىسى، مۇھاجىرەت ئىچىگە سىڭدۈرگەن جاسۇسلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن سەمىمىي كۈرەش قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەرنى ۋە رەھبەرلەرنى ئابرويسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. مەقسەت، قېرىنداشلار ئارىسىغا گۇمان ئۇرۇقىنى تېرىش، ئىشەنچنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى يەپ تۈگىتىشى»نى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ پىتنە ئوتى، ھەم مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىقنى يوقىتىدۇ، ھەم تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقلىق دەۋاغا بولغان قوللىشىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

 4. رەقەملىك قەلئەنىڭ ئىشغال قىلىنىشى: خۇاۋېي ۋە ZTE نىڭ قاباھەتلىك دېلوللارغا 5G تەھدىتى

بىر دۆلەتنىڭ ئالاقە ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ نېرۋا سىستېمىسىدۇر. بۇ ئاساسىي قۇرۇلما كىمنىڭ كونتروللۇقىدا بولسا، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىمۇ شۇنىڭ قولىدا بولىدۇ. خىتاينىڭ 5G ئاساسىي قۇرۇلما ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان خۇاۋېي ۋە ZTE قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق دېلو خاتىرىسى، نەقەدەر چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنىڭ دەرىجىسىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ.[3]

ئافرىقا ئىتتىپاقى سەتچىلىكى: جاسۇسلۇق دېلولىرىنىڭ ئەڭ زىلزىلە قوزغىغان مىساللىرىدىن بىرى، بېيجىڭ تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، تېخنىكىلىق ئاساسىي قۇرۇلمىسى خۇاۋېي تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئېفىيوپىيەدىكى ئافرىقا ئىتتىپاقى مەركىزىدە يۈز بەرگەن. مەركەزنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بەش يىل بويىچە ھەر كېچە مەخپىي ھالدا شاڭخەيدىكى مۇلازىمىتېرلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ۋەقە، خۇاۋېي ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بىر سانلىق مەلۇمات شۈمۈرۈش ۋاسىتىسىگە ئايلىنالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كونكرېت دەلىلىدۇر.

ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئالداش

 ZTE شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى قەستەن بۇزۇپ، قانۇنسىز تېخنىكا ساتقانلىقى ئۈچۈن جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپ، تەخمىنەن 1.2 مىليارد دوللارلىق رېكورت دەرىجىدە جەرىمانىلەرگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال، بۇ شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇننى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانداق دەرىجىدە پايخان قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىدۇر.

يەرشارىۋى چەكلىمىلەر ۋە خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى

بۇ قاباھەتلىك دېلو خاتىرىلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە نۇرغۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، خۇاۋېي ۋە ZTE نى مىللىي خەۋپسىزلىكىگە يۈزلەنگەن «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خەتەر» دەپ ئېنىقلىما بەردى ۋە بۇ شىركەتلەرنى 5G ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىدىن چەكلىدى ياكى ئېغىر شەكىلدە چەكلىمىلەرنى قويدى.[4][5][6] ئامېرىكا فېدراتىپ ئالاقە كومىتېتى (FCC) بۇ ئىككى شىركەتنى رەسمىي ھالدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ تىزىملىككە كىرگۈزدى.

5G تېخنىكىسى پەقەت تېخىمۇ تېز سۈرئەتلىك توردىن ئىبارەت ئەمەس؛ ئۇ ئەقلىي شەھەرلەرنى، ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سىستېمىلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئومۇرتقىدۇر. بۇ ئومۇرتقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، دېلو خاتىرىسى بۇ قەدەر قاراڭغۇ ۋە قانۇنلار بىلەن دۆلەتكە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان شىركەتلەرگە تاپشۇرۇش، رەقەملىك قەلئەنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئوغرىلىقى ئىسپاتلانغان بىر قۇرۇلمىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكتۇر.

5. زامانىۋى يىپەك يولىمۇ ياكى قەرز توزىقىمۇ؟ «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزى

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىنىڭ يالت يۇلت چاقناشلىرىنىڭ ئارقىسىدا، زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىك قورالى بولغان «قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى» مەۋجۇت. بۇ سىستېما شەيتانىي بىر ئاددىي ھىيلە بىلەن ئىشلەيدۇ: خىتاي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئاساسىي قۇرۇلما لايىھەلىرى ئۈچۈن قايتۇرۇلۇشى قىيىن بولغان قەرزلەرنى تەمىنلەيدۇ. دۆلەت قەرزىنى تۆلىيەلمىگەندە بولسا، خىتاي قەرزىگە بەدەل سۈپىتىدە ئۇ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. سىرىلانكىنىڭ ئالغان قەرزلىرىنى قايتۇرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھامبانتوتا پورتىنى 99 يىللىقىغا بىر خىتاي شىركىتىگە ئىجارىگە بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى، بۇ تۇزاقنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋە تونۇلغان مىسالىدۇر.

 6. دۆلەت ئىچىدىكى تىرويا ئاتلىرى ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشى: خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يەرلىك باياناتچىلىرى

خىتاينىڭ تۈركىيەگە يۈزلەنگەن تەھدىتلىرى پەقەت تاشقى مەنبەلىكلا ئەمەس. تەھدىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى تەرىپى خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى تۈركىيە ئىچىدە قوغدايدىغان ۋە بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان يەرلىك ئاكتىيورلاردۇر. بۇ ساھەدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مىسال، دوغۇ پېرىنچەك رەھبەرلىكىدىكى ۋەتەن پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدۇر.[7][8]

«ئامېرىكا يالغانچىلىقى» دېگەن باھانە بىلەن قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش

 پېرىنچەك ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى خەلقئارالىق دوكلاتلار بىلەن ئىسپاتلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا رەت قىلماقتا.[9] بۇ زۇلۇملارنى خىتاينى نىشانلىغان بىر «ئامېرىكا ئىمپېرىيالىزمى يالغانچىلىقى» سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە.

زۇلۇمنى «تېررور بىلەن كۈرەش» دەپ يوللۇقلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئىنسان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلارنى، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى «تېررور ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر كۈرەش» سۈپىتىدە بازارغا سالماقتا.[10] بۇ سۆز، مەزلۇم بىلەن زالىمنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىدىغان ئەخلاقىي بىر بۇرمىلاشتۇر.

ئۇلار ئۆزلىرىگە قاراشلىق «ئۇلۇسال قانال» ۋە «ئايدىنلىق» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى، قەرەللىك ھالدا خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن بىر سۇپا سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە. بۇ قاناللاردا خىتاي ئەمەلدارلىرى كۈتۈۋېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقەتلەرنى «يالغان» دەپ سۈپەتلەيدىغان پىروگراممىلار ئىشلىنىپ، تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ تونۇشى زەھەرلەنمەكتە.

بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى تۈركىيە جامائەت پىكرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان ھېسداشلىقنى ئۆلتۈرۈش، تۈرك مىللىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى ئۈزۈش ۋە خىتاي زۇلمىنى نورماللاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ «ئىنسانىي مەسىلىنى» نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر.

 7. قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلار: مىللىي قارشىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل

بۇ كۆپ قاتلاملىق تەھدىت تورىغا قارشى ئېلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ئېنىقتۇر:

مىللىي تېخنىكا سەپەرۋەرلىكى 5G غا ئوخشاش ھالقىلىق ئاساسىي قۇرۇلمىلاردا سىرتقا، بولۇپمۇ جاسۇسلۇق دېلو خاتىرىسى بۇزۇق ئىستراتېگىيەلىك رەقىبلەرگە بېقىندى بولۇپ قىلىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. يەرلىك ۋە مىللىي تېخنىكا شىركەتلىرى قوللىنىلىشى كېرەك، تۈركىيە رەقەملىك قەلئەسىنىڭ ئىگىسى ئۆزى بولۇشى لازىم.

ئىلمىي قالقان ۋە قارشى ئاخبارات:

ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار ۋە چەتئەللىك ئاكادېمىكلارنىڭ پائالىيەتلىرى، مىللىي خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىغا ۋە تىرويا ئېتى ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاخبارات ئورگانلىرى ھوشيار تۇرۇشى لازىم.

ئىدراك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھۇشيارلىقنى تېزلىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مىللىي قىممەت قاراشلارنى نىشانلىغان يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى مېدىيا ئوقۇرمەنلىكى نىسبىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ زۇلمىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان يەرلىك باياناتچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى جامائەتكە ئاشكارىلىنىشى كېرەك.

ئەنسار روھى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا قالقان بولۇش

تۈركىيەگە سېغىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ تەھدىت ۋە پىتنە ھەرىكەتلىرىگە قارشى دۆلەت ھىمايىسىگە ئېلىنىشى كېرەك. تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى خىتاي ئىستىخباراتىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ئىددىئاسى بىلەن ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان كىشىلەر ھەققىدە دەۋالارنى ئاچتى. بۇ پائالىيەتلەر ئاشكارىلىنىپ، قېرىنداشلىق ھەق - ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ كاپالىتى ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى لازىم.

خۇلاسە: ئەنسار روھى بىلەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى

بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ كۆپ يۆنىلىشلىك تەھدىتنى، پەقەت دۆلەت ئورگانلىرى ئالىدىغان تەدبىرلەر بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ، 85 مىليوننىڭ ئىمانى، بەسىرىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك بىر كۈرەشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى، مەككىدىن ھىجرەت قىلغان مەزلۇم مۇھاجىرلارغا قۇچاق ئاچقان ئەنسارلار بولغان ئىدى. بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، دەۋرنىڭ ئەنسارى بولۇشتۇر. بىزگە سېغىنغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش، ھەم ئىمانىي ھەم تارىخىي بىر قەرزدۇر. ئۇلارنى قوغداش، پەقەت خىتاينىڭ جىسمانىي تەقىپ قىلىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىنى ۋە بىرلىكىنى نىشانلىغان پىتنە ھەرىكەتلىرىدىن ۋە بۇ زۇلۇمنى يۇرت ئىچىدە يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ، «مۆمىن، بىر تۆشۈكتىن ئىككى قېتىم چېقىلمايدۇ» دېگەن ھەدىس شەرىفىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئويغاق بولۇش، دوست-دۈشمەننى بىلىش ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن قويۇشتۇر. قوغدىلىشى كېرەك بولغىنى پەقەت تۇپراقلىرىمىزلا ئەمەس؛ ئەقلىمىز، ئەقلىي مۈلكىمىز، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىمىز، رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىززەت-غۇرۇرىدۇر.


مەنبەلەر:

  • The New York Times, "Buying Influence: How China Manipulates Facebook and Twitter"
  • U.S.-China Economic and Security Review Commission, "China's United Front Work Department"
  • Perspektif, "Çin’in İstihbarat Yasası ve Uluslararası Hukuk"
  • Anadolu Ajansı, "Çin'in Ulusal İstihbarat Yasası küresel teknoloji şirketlerini nasıl etkiliyor?"
  • BBC News Türkçe, "Çin'in 'borç tuzağı diplomasisi' nedir?"
  • Anadolu Ajansı, "Sri Lanka 'borç tuzağı' yüzünden limanını Çin'e devretti"
  • Safeguard Defenders, "110 Overseas: Chinese Transnational Policing Gone Wild"
  • Deutsche Welle (DW) Türkçe, "Türkiye'deki Uygurlar: 'Çin bize burada da rahat vermiyor'"
  • Defence Turk, "Çin, Afrika Birliği’nin verilerini 5 yıl boyunca çalmış"
  • T.C. Adalet Bakanlığı, Uluslararası Hukuk ve Dış İlişkiler Genel Müdürlüğü (ZTE'nin ABD yaptırımlarını ihlali hakkındaki dava bilgileri)
  • Milliyet, "ZTE'ye 1.2 milyar dolar ceza"
  • NTV, "Avrupa'dan Çinli teknoloji şirketleri Huawei ve ZTE'ye kısıtlama"
  • Independent Türkçe, "ABD'den sonra hangi ülkeler Huawei'yi yasakladı?"
  • Bloomberg HT, "ABD'den Huawei ve ZTE'ye bir yasak daha"
  • Voice of America (VOA) Türkçe, "FCC'den Çinli Şirketlere Yeni Kısıtlamalar"
  • Marksist.org, "Sri Lanka: Borç tuzağı ve emperyalist gerilimler"
  • Aydınlık, "Aydınlık heyeti Urumçi'de: 'Uygur Soykırımı' yalanı ve gerçekler"
  • Vatan Partisi, (Partinin Doğu Türkistan ile ilgili resmi açıklamaları ve raporları)
  • Veryansın TV, "Perinçek'in Uygur raporu: Kamplar mesleki eğitim merkezi"
  • Ulusal Kanal, (Kanalda yer alan ve Çinli yetkililerin konuk olduğu, Doğu Türkistan politikalarını öven programlar)

Sources help

1.  uysi.org

2.  safeguarddefenders.com

3.  huawei.com

4.  trtworld.com

5.  therecord.media

6.  youtube.com

7.  wikipedia.org

8.  youtube.com

9.  rfa.org

10.            xjkunlun.gov.cn

بۇ خەۋەر 329 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2025 18:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق