خىتاي قەشقەردە يېڭى گېن ئامبېرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر گېن ئامبېرى خىتاينىڭ خۇادا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا قۇرغان تۇنجى گېن ئامبېرى بولۇپ، ئاتالمىش «خۇادا جەنۇبىي شىنجاڭ ئېنىق ئۆلچەملىك مېدىتسىنا تەجرىبىخانىسى» قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دۇڭچېڭ شۆبە دوختۇرخانىسىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

خەۋەردە مەزكۇر تەجرىبىخانىغا گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، گېن ئامبىرى ماتېرىيالىنى تەييارلاش سىستېمىسى، بىيوخىمىيەلىك ئانالىز بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا، ماسسا سپېكتىروسكوپى قاتارلىق مېدىتسىنادا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ ئاتالمىش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئامما بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولغان مولېكۇلالىق دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى قىلىپ، كېسەلنى تېخىمۇ بالدۇر بايقاش، يەنىمۇ دەل جايىدا داۋالاشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، قەشقەر شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق كېسەللىك گېنىنى ھەقسىز ئايرىم تەكشۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش كەسپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇم نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر گېن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قانۇنسىز ئەزا كۆچۈرۈش قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇستەقىل تەتقىقاتلار ئېلان قىلىنغانىدى.

خىتاي بۇ قېتىم قەشقەردە پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن مەزكۇر تەجرىبىخانا ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق كېسەللىك گېنىنى ھەقسىز ئايرىم تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاينىڭ قارا قولىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەنە قانداق شۇملۇقلارنى كەلتۈرىدىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 529 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2025 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق