ئامېرىكا خىتاينى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا "مۇقىملىقنى بۇزۇش" بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى دەۋالىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، رايون تىنچلىقىنى خەتەرگە سالغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇبىئو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ 1982-يىلى دېڭىز ھوقۇقى شەرتنامىسى دائىرىسىدە ئېچىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، قانۇنغا مۇخالىپ دەۋالىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلىرىغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈنسىرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇبىئو يەنە "خىتاينىڭ كەڭ دائىرىلىك دەۋالىرى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا، بىرۇنېي ۋە ھىندونېزىيەنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقلىرىنى بىۋاسىتە دەپسەندە قىلماقتا ھەمدە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنى بۇزماقتا" دېدى.

رۇبىئو يەنە ئامېرىكانىڭ ئەركىن ھەم ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينى 2016-يىلدىكى مەھكىمە قارارىغا ئەمەل قىلىش ۋە خەتەرلىك ھەمدە مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

خىتاي رېجىمى 1947-يىلى جاكارلىغان خەرىتىسى ئارقىلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ 80 پىرسەنتىدە ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يەر ئاستى بايلىقلىرى جەھەتتىن باي بولغان بۇ رايوندا فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە مالايشىيامۇ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 532 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2025 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق