ئامېرىكىدىن ئىككى ئىتتىپاقدىشىغا مۇھىم «خىتاي» سوئالى: ئۇرۇشقا كىرسەك نېمە قىلىسىلەر؟
Financial Times گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پېنتاگون ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۇرۇشقا كىرىش ئەھۋالىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلبرىدجى كولبى Elbridge Colby يېقىندا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشلەردە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پېنتاگون ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەگە "خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ۋە بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي يۈزمۇ يۈز ئۇرۇشقا كىرسە، قانداق سىياسەت قوللىنىسىلەر؟" دېگەن سوئالنى قويغان.
CNN تېلېۋىزىيىسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدە ئىئانە بېرىدىغانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر يېپىق يىغىندا "خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، بېيجىڭغا بومبا ئاتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم" دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر