خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن ئاتالمىش كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى نامىدىكى جازا لاگېرى سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن زور مەبلەغكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق مەركەز خامچوتىدىن 70 مىليون يۈەن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ خوتەن ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق جايلاردا ئاتالمىش ئاممىۋى ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ مەبلەغ ئىگىلەش نىسبىتى %71.4 كە يەتكەن.
خىتاي رېجىمى خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ئاتالمىش ئاممىۋى ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىلىرى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى «ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم تىرەك، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاممىۋى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ» دەپ چالۋاقىغان بولۇپ، بۇ قېتىم تەستىقلانغان تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاتالمىش ئاممىۋى ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسىنىڭ كۆلىمى 21 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر يېڭىدىن كۆپىيىپ، يىللىق ئەمەلىي تەربىيەلەش ئىقتىدارىنىڭ 26 مىڭ ئادەم قېتىم ئۆسۈشى مۆلچەرلەنگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي رېجىمىنىڭ شۇنچە جازا ۋە بېسىملارغا قارىماستىن، ئاتالمىش كەسپىي تەربىيلەش مەركىزى نامىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، مېڭە يۇيۇش، پۈتۈنلەي ئاسسىملاتسىيە قىلىش، قارشى چىققۇچىلارنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى يەنىمۇ غالجىرلاشقان ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى بوشاتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر