خىتاي ساھىپخانلىق قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بۈگۈن 15-ئىيۇلدا خىتاينىڭ تىيەنجىن شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىنغا خىتاي، بېلارۇسىيە، ھىندىستان، ئىران، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، روسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا تەرەپلەر رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكارنىڭ خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ زىيارەتنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ھىندىستاندا نەشىر قىلىنىدىغان ھىندۇ تايمس تور بېكىتى خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى نورماللاشتۇرۇش جەريانى ۋە نادىر تۇپراق ئېلېمېنتى چىقىرىشتا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارەندېرا مودى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم روسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن BRICS رەھبەرلەر يىغىنىدا بىر يەرگە كېلىپ، چېگرا سىزىقىدا يۈز بەرگەن سۈركۈلۈشلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنىدى. مەزكۇر كۆرۈشۈشتىن كېيىن خىتاي ۋە ھىندىستان قوشۇنلىرى چېگرادىكى كەسكىن كەيپىياتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتقان، بېيجىڭ-يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى نورماللاشتۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ھىندىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار بۇ جەريانغا توسالغۇ بولغانىدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دارنىڭ كۈنتەرتىپىدىمۇ ھىندىستان بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق قاتارلىقلار بولۇپ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ خىتايدا ئامېرىكا بىلەن يادرو سۆھبەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق رايونلۇق تېمىلارنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.