ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تېخنىكا ئۇرۇشى كۈنسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان پەيىتتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇرۇشىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيمەكتە.
NTV نىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇرۇشى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىغا ئالاقىدار مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئوغۇرلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ھاككىر شۇ زېۋېينى Xu Zewei ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە قولغا ئېلىشى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى. FBI دىرىكتورى كاش پاتېل بۇ ھادىسىنى "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ئوۋلاش" دەپ تەرىپلەپ، ئامېرىكا ئورگانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دەل شۇ كۈنلەردە خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (MSS) مۇ ئۈچ چەت ئەللىك جاسۇسلۇق پىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىق خىتاي ئەمەلدارلارنى "ئىنتىزامسىزلىق" سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، چەت ئەللىك جاسۇسلارنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ھادىسىلەرنىڭ بىرىدە چەت ئەلدە بىر چەت ئەللىك جاسۇس تەرىپىدىن تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنى تەمىنلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى دەۋا قىلىندى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى سودا-سېتىقتىن سۈنئىي ئەقىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىلىرىغىچە نۇرغۇن ساھەدىكى رىقابەت بىلەن بىرگە يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دېننىس ۋىلدېر Dennis Wilder ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق نىشانغا ئېلىپ ئۆزىگە جاسۇس قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايمۇ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە سودىگەرلىرىنى نىشانلىغان مەشغۇلاتلىرىنى تىزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان تېخنىكا ئېكىسپورت چەكلىمىسىدە بەزى چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىپ، Nvidia ۋە AMD قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل چىپلىرىنى قايتىدىن خىتايغا سېتىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قەدەمنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئازايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق كۆزىتىش ئوبىكتىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان خىتاي ئوقۇش مۇكاپات كېڭىشى (CSC) ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقلىرىمۇ كونگرېسنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىدى. ئىيۇن ئېيىدا FBI ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى خىزمەتچىلىرىدىن مەخپىي ئۇچۇرلارنى خىتايغا يوللاشقا تىرىشقان ئىككى خىتاينى ئورېگون ۋە تېكساستا قولغا ئالدى. شۇ ئايدا يەنە مىچىگاندا ئۈچ خىتاي تەتقىقاتچى بىئولوگىيەلىك ماتېرىياللارنى ساختا بايانات بىلەن ئامېرىكىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى. مارت ئېيىدا بولسا تىگى خىتاي بولغان ئىككى ھازىرقى ۋە بىر سابىق ئامېرىكا ئەسكىرى مۇھىم مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. خىتاي بولسا ئەنگلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر خىتاي جۈپنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر