خىتاي ئامېرىكا مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر تورىغا سىڭىپ كىردى

 ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) "Salt Typhoon" دەپ ئاتالغان ئىلغار خىتاي جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاز بىر شىتاتىنىڭ مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر تورىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ سىڭىپ كىرىشنىڭ تەخمىنەن بىر يىل داۋاملاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

مەسئۇللار "Salt Typhoon" ھاككېرلىرىنىڭ بۇرۇنقى تەخمىندىن تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە سىستېمىلارغا كىرگەنلىكىنى ئويلاۋاتقان بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدا تەييارلانغان مەخپىي ئىچكى بىخەتەرلىك خاتىرىسىگە كۆرە، بۇ گۇرۇپپا 2024-يىلىنىڭ مارت ئېيىدىن دېكابىر ئېيىغىچە "بىر شىتاتنىڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنىغا تەۋە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر تورىنى كەڭ كۆلەملىك شەكىلدە بۇزدى" دېيىلگەن بولۇپ، خاتىرىدە مەزكۇر شىتاتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتون باش كونسۇلخانىسى بۇ ھۇجۇمنى ئوچۇق شەكىلدە رەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىر سۆزچى "ئامېرىكىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ 'Salt Typhoon' ھۇجۇملىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا دائىر ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك دەلىل سۇنمىغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىيلىگەرلىك بىلەن "تور ھۇجۇملىرىنىڭ بارلىق دۆلەتلەر ئورتاق دۇچ كەلگەن بىر تەھدىد" ئىكەنلىكىنى چالۋاقىدى.

ئەمەلىيەتتە"Salt Typhoon"  ھاككېر گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ چوڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئىچىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا بىر ئورگاندىن يەنە بىر ئورگانغا ئىنتايىن قولايلىق بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىش ئىقتىدارى بىلەنمۇ تونۇلغان.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھاككېر گۇرۇپپىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ 8 ئىنتېرنېت ۋە تېلېكوم شىركىتىگە، جۈملىدىن AT&T ۋە Verizon قاتارلىق شىركەتلەرگە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇ گۇرۇپپا بۇ شىركەتلەر ئارقىلىق دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى رەقىبى كامالا ھاررىسنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى بىلەن بىرگە، پارلامېنتىكى كۆپ سانلىق سېناتورلارنىڭ باشلىقى چاك شۇمېرنىڭ ئىشخانىسىنى نىشانغا ئېلىپ تېلېفون ۋە ئۇچۇرلار ئۈستىدە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 872 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2025 22:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق