خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ "خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىد" دۇر دېگەن ئىپادىسىگە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ بىن ياپونىيەنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2025-يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياپونىيەنىڭ ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينى "ياپونىيەگە نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت" دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ "بىر تەرەپلىمە كۈچ ئىشلىتىپ نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان" لىقىنى، شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىز باھا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
جياڭ بىن يەنە نومۇسسىزلاچە بېشەملىك بىلەن ياپون مىلىتارىزمىنىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زور ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئەپسۇسكى، ياپونىيە بۇنداق خاتالىقلارنى ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، يەنە بىر قېتىم مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش، قورال ئېكسپورتىغا بولغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ۋە ھەربىي توقۇنۇش شەكىللەندۈرۈپ ھەربىي كۈچ قۇرۇشنىڭ خەتەرلىك يۈزلىنىشىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ پات-پات "ئۈچ يادروسىز پرىنسىپ" قا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىغا جىددىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.
جياڭ يەنە بۇ يىل خىتاينىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىنىڭ 80 يىللىقى بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر