خىتاي تەيۋەن پرىزدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە قارشى چىقتى

خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسى باياناتچىسى چېن بىنخۇا تەيۋەن پرىزدېنتى لەي چېڭ دېنىڭ سۆزلىرىنى بۆلگۈنچىلىك دەپ باھالاپ، ئۇنى يالغانچىلىق ۋە كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېن بىنخۇا تەيۋەن پرىزدېنتى لەي چېڭ دېنىڭ «بىرلىشىش توغرىسىدا 10 دەرس» تېمىسى ئاستىدا قىلغان نۇتۇقلىرىنىڭ يالغان ۋە سەپسەتىلەرگە تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر نۇتۇقلىرىنىڭ بۆلگۈنچى "تەيۋەن مۇستەقىللىقى" تەبىرلىرىنىڭ بىر توپلىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

چېن چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر دەرسلەرنىڭ خىتاينىڭ قىزىل سىزىقلىرىنى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابلىرى ھەققىدە توختالدى.

چېن مەزكۇر "دەرسلەر"نىڭ يالغان، ئالدامچىلىق، دۈشمەنلىك ۋە كۈشكۈرتۈش مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تارىخنىڭ قەستەن بۇرمىلانغانلىقىنى ۋە بۇ تەبىرلەر ئارقىلىق تەيۋەن بوغىزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئوتتۇرىسىدا قارشىلىشىش ھالىتىنى پەيدا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

چېن يەنە "بۇ ئاتالمىش دەرسلەر لەي چېڭ دېنىڭ تىنچلىقنىڭ بۇزغۇنچىسى ۋە ئاشكارا ئۇرۇش قۇتراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ" دېدى.

چېن تەيۋەن بوغىزىدىكى ھازىرقى جىددىيچىلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسىنىڭ سىياسىتى ۋە لەينىڭ "تەيۋەن مۇستەقىللىقى" پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي باياناتچىسى ئاخىرىدا يەنە خىتاينى پارچىلاشنى نىشان قىلغان ھەر قانداق كۈچ ۋە ھەرىكەتنىڭ قەتئىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2025 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق