ئامېرىكا فېدېرال ئالاقە كومىتېتى (FCC) 16-ئىيۇل خىتاي تېخنىكىسى ياكى ئۈسكۈنىسى بار دېڭىز ئاستى ئالاقە كابېللىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئۇلىنىشىنى چەكلەيدىغان قائىدىلەرنى قوبۇل قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
FCC رەئىسى برېندان كار بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «يېقىنقى يىللاردا دېڭىز ئاستى كابېل ئاستى قۇرۇلمىلىرىنىڭ خىتايدەك چەت ئەل رەقىپلەر تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆردۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز ئاستى كابېللىرىمىزنى چەت ئەل رەقىپلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە ئېرىشىشىگە قارشى قوغداش ئۈچۈن تور ۋە فىزىكىلىق تەھدىتلەرگە قارشى ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.
ئامېرىكا يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تور ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشتىكى رولى ۋە ئېھتىمال جاسۇسلۇق خەتىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا نۆۋەتتە خەلقئارا ئىنتېرنېت ھەرىكىتىنىڭ %99 يەتكۈزىدىغان 400 دىن ئارتۇق دېڭىز ئاستى كابېلىدىن تەركىب تاپقان تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كەڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك ئەندىشىسىگە ئېگە.
2020-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا تەرەپ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنى خوڭكوڭغا باغلاشنى مەقسەت قىلغان تۆت كابېلنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر