ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز پىلانىنى نىشان قىلىپ، پىلانغا تەمىنلەنگەن مىلياردلارچە دوللارلىق فېدېرال فوندنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇسومنى نىشان قىلغان ھالدا، پىلاننىڭ «ھەددىن زىيادە قىممەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋالىي نيۇسوم بولسا «تىرامپنىڭ كەلگۈسىنى خىتايغا تاپشۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى ئىپادىلىدى.
ترامپ Truth Social ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىن كالىفورنىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز پىلانى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
پىلاننىڭ "ھەددىن زىيادە قىممەت، كېرەكسىز كۆپ نازارەتكە تارتىلغان ۋە ھېچ تاماملانمىغان" لىقىنى كۆرسەتكەن ترامپ «كالىفورنىيەنىڭ دەھشەتلىك دەرىجىدە قىممەت، ھېچ يەرگە بارمايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز پىلانى ئۈچۈن فوند تەمىنلەشتىن سىلەرنى رەسمىي ھالدا قۇتقۇزغانلىقىمنى جاكارلاشتىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.
ترامپ كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇسومنىڭ «لاياقەتسىزلىكى» سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چىقىمنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يۈزلىگەن مىليارد دوللارغا توختىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشتۈرمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
پىلان دائىرىسىدە پىلانلانغان تۆمۈر يولنىڭمۇ تېخى ياسالمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ترامپ فېدېرال فوندلارنىڭ ئەمدى بۇ پىلانغا خىراجەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ فېدېرال تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر پىلانغا ئايرىغان تەخمىنەن 4 مىليارد دوللارلىق فوندنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
يېقىنقى 16 يىلدا مەزكۇر پىلانغا تەخمىنەن 15 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھازىرغىچە ھېچبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋالىي نيۇسوم بولسا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، فېدېرال ياردەم كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پويىز يوللىرىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى ۋە كالىفورنىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن بارلىق تاللاشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ترامپنىڭ كەلگۈسىنى خىتايغا تاپشۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر