ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تارقىتىدىغان كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ بۇ بايانلىرىنى ھەددىن زىيادە فېنتانىل ئىشلەتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى قاتناشقان HALT فېنتانىل قانۇنىنىڭ ئىمزا مۇراسىمىدا قىلدى.
ترامپ پائالىيەت جەريانىدا خىتايغا «فېنتانىل سەۋەبى» بىلەن قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭچە بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايمىز ۋە خىتاي فېنتانىلنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە دۆلىتىمىزگە ئەۋەتىدىغان كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ» دېدى ۋە سۆزلىرىنى: «بۇنىڭ يېقىن ئارىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر