خىتايدىن تۈركىيەگە تۇنجى يۈك پويىزلىرى يولغا چىقتى

تۈركىيە قاتناش ۋە ئاستى قۇرۇلما مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلى خىتاينىڭ چوڭچىڭ ۋە چېڭدۇ شەھەرلىرىدىن مۇنتىزىم پويىز قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى دائىرىسىدە تۇنجى ئىككى يۈك پويىزىنىڭ 9-ئىيۇلدا تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇرالئوغلى يازما باياناتىدا، مەزكۇر پويىزلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا كورىدور يۈك توشۇش پىلانىدا يېڭى بىر دەۋرنى باشلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇرالئوغلى يەنە، پويىزلارنىڭ خىتاي ئىچىدە تەخمىنەن 3 مىڭ 500 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى، ھازار بوغۇزى ۋە تۈركىيە ئۈستىدىن ياۋروپاغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، پويىزلارنىڭ 2 مىڭ توننا يۈك ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى پويىزنىڭ قازاقىستان چېگراسىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرالئوغلى تېنچ ئوكيان ياۋروپا-ئاسىيا بىلەن خىتاي تۆمۈر يوللىرى ئوتتۇرىسىدا يەر شارى قاتناش كورىدورلىرى يىغىنىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مەزكۇر پىلاننىڭ تۈركىيەنى ياۋروپا-ئاسىيا ئارقا سەپ تەمىناتى زەنجىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ قاتناش ۋە ئالاقە ئاستى قۇرۇلمىسىغا يېقىنقى 23 يىلدا تەخمىنەن 300 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئۇرالئوغلى: «2002-يىلى تەخمىنەن 11 مىڭ كىلومېتىر بولغان تۆمۈر يول ئۇزۇنلۇقىمىزغا 2 مىڭ 251 كىلومېتىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە تېز پويىز يولى بولۇش ئاساسىدا تەخمىنەن 3 مىڭ كىلومېتىر قوشتۇق. تۆمۈر يول تور ئۇزۇنلۇقىمىزنى 13 مىڭ 919 كىلومېتىرغا كۆتۈردۇق. ئوتتۇرا كورىدورنى مۇمكىن قىلىدىغان مىللىي تۆمۈر يول تورىمىز بۇ پويىزلارنىڭ ياۋروپاغا ئۈزۈلمەي يېتىپ بېرىشىنى تەمىنلەيدۇ» دېدى.

ئۇرالئوغلى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۈگۈنكى سەۋىيەنىڭ مۇزاكىرىلەر، ھەمكارلىق تەتقىقاتلىرى ۋە ئاستى قۇرۇلما زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ نۇقتىغا يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

بېيجىڭدا ماي ئېيىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇزاكىرىلەر ۋە ئىستانبۇلدا تەشكىللىگەن يەر شارى قاتناش كورىدورلىرى يىغىنىنىڭ ھەمكارلىقنىڭ تېزلىشىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىغا دىققەت تارتقان ئۇرالئوغلى:

«يىلدا 1000 پويىز نىشانى بىلەن ياۋروپا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەنى مەركەزگە ئالغان ئۈزۈلمەس ئارقا سەپ تەمىناتى ئېقىمىنىڭ تەمىنلىنىشى مەقسەت قىلىنماقتا. بۇ جەريان يالغۇز ئارقا سەپ تەمىناتىلا ئەمەس، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ گېئوستراتېگىيەلىك ئىشەنچ ئارىلى رولىنىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان بىر قەدەمدۇر. ھەم رايونلۇق ھەم يەر شارى سودىسىدا مۇھىم رول ئېلىش ئارقىلىق كىرىزىس پەيتلىرىدىمۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئۈزمەسلىك ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىمىز. تەرەققىيات يولى پىلانى بىلەن دۆلىتىمىز ئۈچۈن ھەم يۈك توشۇش ھەم ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك لىنىيە جەھەتتىن يېقىنقى زامانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارقا سەپ تەمىناتى تورى بولغان ئوتتۇرا كورىدور خىتاي باشتا بولۇش بىلەن بىرگە يول ئۈستىدىكى ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن قىلغان ۋە قىلىدىغان ھەمكارلىقىمىز بىلەن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 385 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2025 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق