سۇرىيە ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە، ئەردوغان ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، گولان ئېگىزلىكى بىلەن جەبەل ئەددۇرزى ئارىلىقىدىكى رايونلارنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر سىياسىي تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

نېتانياھۇ يەنە ھۆكۈمىتىنىڭ دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ جەبەل ئەددۇرۇزى رايونىغىچە بولغان زېمىننى «ئەسكەرسىزلەندۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

نېتانياھۇ سۆزىدە: «بىز ئېنىق بىر سىياسەتنى بېكىتتۇق، ئۇ بولسىمۇ، دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى رايوننى، يەنى گولان ئېگىزلىكىدىن جەبەل ئەددۇرزى رايونىغىچە بولغان زېمىننى ئەسكەرسىزلەندۈرۈش. بۇ بىزنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىمىز» دېدى.

نېتانياھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىككىنچى سېپىمىز بولسا، جەبەل ئەددۇرزى رايونىدىكى دۇرزىلارنى قوغداش» دېگەن ۋە سۈرىيەنىڭ سۇۋەيدا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ھەمدە جەبەل ئەلئەرەب ياكى جەبەل ھاۋران دەپمۇ ئاتىلىدىغان، دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتىكى ئونلىغان يېزا-بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق رايوننى تىلغا ئالدى.

ئۆزىنىڭ سۈرىيەدىكى دۇرزى ئاز سانلىقلارنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يالغان دەۋالىرىنى تەكرارلىغان نېتانياھۇ، بۇ ئىككى يۆنىلىشلىك پوزىتسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتى سۈپىتىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە جەبەل ئەددۇرزىدىكى دۇرزىلارنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەدىكى نوپۇزلۇق دۇرزى ئەربابلار چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئايرىمچىلىقنى رەت قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن سۈرىيەگە بولغان ساداقىتىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېل ئاۋىۋنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىدىغان قانۇن-قائىدە تونۇماس، پىرىنسىپسىز، ئەركە ۋە ھەددىدىن ئاشقان بىر تېررور دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە: «ئىسرائىلىيە دۇرزىلارنى باھانە قىلىپ، بۇلاڭچىلىق مەيدانىنى يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان قوشنىمىز سۈرىيەگە يۆتكىدى. ھازىرقى باسقۇچتا رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. ئەگەر بۇ ئالۋاستى (ئىسرائىلىيە) دەرھال توختىتىلمىسا، ئالدى بىلەن رايونىمىزنى، ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى ئوت-يالقۇنغا تاشلاشتىن يانمايدۇ» دېدى.

بۇ خەۋەر 377 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2025 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق