ئامېرىكىنىڭ 7 شىركىتى پۈتۈن خىتاي ئىقتىسادىنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتى

 ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ يەتتە شىركىتىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئىقتىسادى بولغان خىتاينىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشىنى ئارقىدا قالدۇردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە 17-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن Nvidia، Microsoft (MSFT)،  Apple، Amazon (AMZN)، Alphabet (GOOGL)، Meta Platforms (META) ۋە Broadcom(AVGO)  قاتارلىق يەتتە شىركەت 18.84 ترىليون دوللارلىق بازار قىممىتىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ رەقەم خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەنى GDP سى 134.9 ترىليون يۈەن بولۇپ، تەخمىنەن 18.7 ترىليون دوللارغا تەڭ كەلگەن.

پەقەت Nvidia نىڭ ئۆزىلا سۈنئىي ئەقىل سەپلەنگەن GPU ھاكىمىيىتى بىلەن 2024 -يىلى 4.2 ترىليون دوللاردىن ئارتۇق بازار قىممىتىگە ئىگە بولغان.

پەقەت يەتتە ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىدىن «تېخىمۇ قىممەتلىك» بولۇشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىغا قانچىلىك ئىشەنگەنلىكى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇر بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Wall Street  نىڭ ئامېرىكىنىڭ يەتتە چوڭ شىركىتىنى خىتاينىڭ ئومۇمىي GDP سى بىلەن سېلىشتۇرۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە مالىيە جەھەتتىن تېخىمۇ مۇقىم سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بازار قىممىتى بويىچە ئەڭ چوڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان بولۇپ، نەتىجە يەنىلا ھەيران قالارلىق چىققان.

17-ئىيۇل ئېتىبارى بىلەن ھېساب قىلغاندا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يەتتە خەلققە ئوچۇق شىركىتىنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى پەقەتلا 2.3 ترىليون دوللار بولۇپ، ئامېرىكا تېخنىكا ماگناتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى 18.84 ترىليون دوللارنىڭ پەقەت 12% ىگە توغرا كەلگەن.

ھەتتا خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان مۇھىم بىر سېلىشتۇرما بولسا، پەقەت Nvidia نىڭ 4.2 ترىليون دوللارلىق بازار قىممىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يەتتە شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن بولۇشى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 619 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2025 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق