تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىقى ئالاقە باشقارمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مېدىيا ۋە ئالاقە ساھەسىدىكى ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بىلەن تېخنىكىلىق باغلىنىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي تەرەپتىن يىغىنغا قاتناشقان خىتاي مېدىيا گۇرۇپپىسى سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش يېڭى تېخنىكىلار ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بازارغا سالدى.
مەزكۇر يىغىنغا خىتاي ۋە تۈركىيەدىن مېدىيا، ئاكادېمىك، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتكە ئوخشاش ھەر خىل ساھەلەردىن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل ۋە تەكلىپ قىلىنغۇچىلار قاتناشتى.
خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى جياڭ شۆبىن نۇتقىدا، بۇ يىل خىتاي-تۈركىيە ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ 15-يىللىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مېدىيانىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى چالۋاقىدى.
جياڭ يەنە كوممۇنىستلارنىڭ سەپسەتىسىنى چالۋاقاپ، ئىككى دۆلەت مېدىياسىنىڭ ھەقىقەت ۋە ئوبيېكتىپلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەشۋىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىقى ئالاقە باشقارمىسى ئۇچۇر مەشغۇلاتى دائىرىسى باشلىقى بۇغرا ئايان خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ دىققەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كۆپ تىللىق تاراتقۇچىلىق بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈنۈشچان قىلىش ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە «يالغان ئۇچۇر بىلەن كۈرەش قىلىش، خەلق دىپلوماتىيىسى ۋە كىرىزىس ئالاقىسىغا ئوخشاش ساھەلەردە سۈنئىي ئەقىلگە ئاساسلانغان ھالدا ھەمكارلىشالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا يازما، كۆرۈنۈشلۈك، ۋىدېئولوق ۋە ئاۋازلىق مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتەلەيمىز» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر