ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى Microsoft بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىسىنى تەكشۈرىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسىت Pete Hegseth Microsoft  نىڭ مىنىستىرلىقتىكى كومپيۇتېر سىستېمىلىرىغا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ئۈچۈن خىتاي ئىنژېنېرلاردىن ياردەم ئېلىش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بۇ سەتچىلىك ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا چەت ئەللەردىكى ھېچقانداق ئىنژېنېرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سىستېمىلىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى كېرەك" دېدى.

Microsoft  نىڭ باياناتچىسى Frank Shaw بۇ ھەقتە X ھېسابىدا جاۋاب بېرىپ،

مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەردىن كېيىن Microsoft نىڭ سېستىمىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ئۈچۈن خىتاي مەركىزلىك ئىنژېنېرلاردىن ئەمدى ياردەم ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇمكىن بولغان ئەڭ بىخەتەر خىزمەتلەرنى تەمىنلەش قارارىمىز قەتئىيدۇر" دېگەنلەرنى ئىپادىلىدى.

ProPublica  ناملىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىق تەشكىلاتى ھەپتە ئىچىدە Microsoft  نىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى كومپيۇتېر سىستېمىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا خىتايدىكى خىتاي ئىنژېنېرلاردىن ياردەم ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

خەۋەردە ئامېرىكىلىق خادىملارنىڭ بۇ جەرياننى يېتەرلىك نازارەت قىلمىغانلىقى، دۆلەتنىڭ ئەڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدالمىغان ھالەتتە تاشلاپ قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ Arkansas شىتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى سېناتورى Tom Cotton مەزكۇر سەتچىلىككە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مىنىستىرلىقتىن مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھات تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2025 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق