ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى سېناتور Lindsey Graham خىتاي، ھىندىستان ۋە برازىلىيەنىڭ رۇسىيەدىن نېفت ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتلەردىن 100% تاموژنا بېجى ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،Fox News نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سېناتور Graham كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، رۇسىيە پرىزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا خىتاپ قىلغان ھالدا: «سېنىڭ نۆۋىتىڭ كەلدى» دېدى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىرامپ رۇس نېفىتى سېتىۋالغان خىتاي، ھىندىستان ۋە برازىلىيەگە قوشۇمچە باج قويىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەت ئەرزان رۇس نېفىتىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئالىدۇ. بۇ پۇتىننىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسە» دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مۇقەددەس ئائىلە چىركاۋىنى نىشان قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىكمۇ سۆز قىلىپ، ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مۇتلەق جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تىرامپ 14-ئىيۇلدا ئاق سارايدا ناتو باش كاتىپى Rutte نى كۈتۈۋالغان ۋاقىتتىكى مەتبۇئات يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ 50 كۈن ئىچىدە ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىمگە كەلمىگەن تەقدىردە باجلارنى %100 ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
Rutte بولسا برازىلىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى، رۇسىيە بىلەن سودىنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك جازالىرىغا ئۇچراش ئىھتىماللىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر