خىتايغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن Wipha تەيفېڭ بورىنى 26 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا، 471 دەرەخنىڭ ئۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بوران سەۋەبىدىن توختىتىلغان ئۇچۇشلار سەۋەبىدىن 80 مىڭ كىشى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغان.
ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باشتا خوڭكوڭغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن Wipha تەيفېڭ بورىنى خىتايغىمۇ ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بوران ئۆگزىلەرنىڭ ئۇچۇپ كېتىشى ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇپ، كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇنچ باسقان.
خوڭكوڭ شەرقىي رايون مەجلىسى ئەزاسى Kenny Yuen بۇ ھەقتە بەرگەن ئىزاھاتىدا: «تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولغان ئىلگىرىكى Mangkut ۋە Hato تەيفېڭ بورانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ھادىسىدە پەقەت ئۆرۈلگەن دەرەخلەر ۋە بۇزۇلغان بىنا رىشاتكىلىرىنىلا كۆردۇق» دېدى.
خوڭكوڭدىن ئۆتكەندە 3 سائەت ئىچىدە 110 مىللىمېتىرلىق يامغۇر ياغدۇرغان بوران جەريانىدا شامال سۈرئىتى سائەتتە 167 كىلومېتىرغا يەتكەن.
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتتا، تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 26 كىشىنىڭ يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە 253 كىشىنىڭ ۋاقىتلىق پاناھگاھلارغا پاناھلانغانلىقى، 471 دەرەخنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ سىرتىدا، دۆلەتتە 400 قېتىملىق ئۇچۇشنىڭ ناچار ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ 80 مىڭ يولۇچىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
Wipha تەيفېڭ بورىنىنىڭ خوڭكوڭدىن كېيىن خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيشەن شەھىرىگە شۇ يەر ۋاقتى 17:50 ئەتراپىدا يېتىپ بارغانلىقى ۋە سائەتتە 108 كىلومېتىر سۈرئەتكە چىقىپ كۈچلۈك تروپىك بورىنىغا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە بۇ بوراننىڭ بۇ يىل رايوندا كۆرۈلگەن 6-تەيفېڭ بورىنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەندى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر