ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە، خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىلدى

ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان "Talisman Sabre" مانىۋېرى خىتايغا قارشى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشنىڭ مەشىقى خاراكتېرىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان مانىۋېرى بۇ يىل 13-ئىيۇل باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

11-قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانىۋېرغا ئامېرىكىدىن باشقا كانادا، فىجى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيە، فىلىپپىن، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور، تايلاند، تونگا ۋە ئەنگلىيەمۇ قاتناشماقتا. ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىشى پىلانلانغان مانىۋېرغا مالايشىيا ۋە ۋىيېتنام كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشتى.

تەخمىنەن 4 مىڭ ئەسكەر، زەمبىرەك ۋە باشقا ئىلغار قوراللار ئىشلىتىلىدىغان غايەت زور مانىۋېرنىڭ جۇغراپىيەلىك كۆلىمى، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ۋە ھۇجۇمچان خاراكتېرى جەھەتتىن، خىتايغا قارشى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشنىڭ مەشىقى خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، Wall Street Journal گېزىتىدە نەشر قىلىنغان بىر ماقالىدە مانىۋېر توغرۇلۇق: «مانىۋېر خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ: ئامېرىكا ۋە شېرىكلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈنسىرى كۈچەيتىۋاتقان ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان بېيجىڭدىن كېلىدىغان ھۇجۇملارغا بىللە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.

مەزكۇر گېزىتقا سۆز قىلغان ئامېرىكىلىق كورگېنېرال Matthew McFarlane : خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق پائالىيەتلىرىنى ھەممەيلەن كۆرۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىگە تېخىمۇ كۆپ قىزىقىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان ۋە قوشۇۋالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەننى قوراللاندۇرۇپ، رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە خىتايغا قارشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان سىياسەت ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتمىدى، بەلكى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى.

 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىنگاپوردا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى  پېت ھېگسىت Pete Hegseth بېيجىڭنىڭ «يېقىن بولۇشى مۇمكىن» بولغان بىر «خەتەر» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن مۇداپىئە چىقىملىرىنى دەرھال يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3.5 ىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 966 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2025 22:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق