خىتاي ياۋروپانىڭ جازالىرىنىڭ «جىددىي سەلبىي تەسىرلىرىنى» تەنقىد قىلدى

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قوللانغان ۋە ئىككى خىتاي بانكىسى ۋە بەش خىتاي شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى جازالىرىنى «خاتا» دەپ ئاتىدى.

  AFP ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن قولغا كەلتۈرگەن كېلىشلىرىگە زىت كېلىدۇ ۋە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ھەمدە مالىيە ھەمكارلىقىغا جىددىي سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ چالۋاقىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى موسكۋاغا قاراتقان 18-جازا تىزىملىكىنى تەستىقلىدى. جازالار بانكىلار ۋە نېفت ئېكسپورتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت باھاسىنى بېكىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرئىناغا قارشى ئۇرۇشنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش قابىلىيىتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بىر قاتار سودا كېلىشمەسلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە يولغا قويۇلغان بۇ جازالار دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دەر لەيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىئو كوستا، پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغان بولۇپ، خىتاي باش ۋەزىرى لى چياڭ پەيشەنبە كۈنى ياۋروپالىق رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2025 22:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق