ياپونىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن يىغىلىدىغان ياۋروپالىق رەھبەرلەرنىڭ توكيو بىلەن مۇداپىئە ۋە سودا ھەمكارلىقىغا بولغان ئۈمىدلىرى يۇقىرى، ئەمما بېيجىڭدىكى كۆرۈشۈشلەر ئۈچۈن ئۈمىدلىرى چەكلىك. بىر ياۋروپالىق ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا ھەيئىتى خىتاي يىغىنىدىن مۇھىم كېلىشىم چىقىدىغانلىقىنى كۈتمەيدىكەن.
فوربىسنىڭ بۈگۈنكى ئانالىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلشىچە، ياۋروپالىق رەھبەرلەر بۇ ھەپتە ياپونىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىغان بولۇپ، توكيو بىلەن مۇداپىئە ۋە سودا ساھەسىدە ياخشىراق ھەمكارلىققا بولغان ئۈمىدلەر يۇقىرى بولسىمۇ، خىتايدىكى كۆرۈشۈشلەرگە بولغان چەكلىك ئۈمىد، ھەتتا ئۈمىدسىزلىك ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دەر لەيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىئو كوستا بۇ ھەپتە ئاسىياغا سەپەر قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ چارشەنبە كۈنى توكيودا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبا بىلەن، ئاندىن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ياۋروپالىق ئەمەلدارلار بۇ زىيارەتتىن بۇرۇن ئاخباراتچىلارغا بەرگەن مەلۇماتتا، رەھبەرلەرنىڭ ياپونىيەدە مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بېيجىڭدىكى يىغىندىن ئورتاق بىر كېلىشىمنىڭ چىقىشىنى كۈتمەيدىكەن.
ياۋروپا ھەيئىتىدىكى بىر ئەمەلدار سۆزىدە: ھەيئەت خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشتا پەقەت «مەنىلىك، ئوچۇق، بىۋاسىتە، ياخشى ۋە ئىجابىي سۆھبەتنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا بېيجىڭنىڭ داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزىتىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى تەڭپۇڭ قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.
خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە موسكىۋاغا جىددىي ياردەم قىلىشىمۇ خىتاي ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە جىددىي يىرىكچىلىك پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى ئۇكرائنا ئىشغالى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قاراتقان ئەڭ يېڭى چارىلار دائىرىسىدە ئىككى خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي مەركەزلىك بەش شىركەتنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. بۇ قەدەم ياۋروپانىڭ خىتاي بانكىلىرىغا بولغان تۇنجى جازاسى بولۇپ، بۇنىڭدىن قاتتىق چىچاڭشىپ كەتكەن خىتاي ھەر دائىمقىدەكلا ئۆز شىركەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چالۋاقىغانىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتتە كۈنسىرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان كىرىزىس مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى خىتاي-ياۋروپا ئۇچرىشىشىدىن نەتىجە چىقىشىنىڭ يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر