توسۇپ قىلىنغان ئامېرىكلىق خىتاي ۋە بىمالال كىرىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق خىتاينىڭ بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى خىتايغا ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىغا قايتىش يولىدا خىتايدىن چىقىشتىن توسۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىندى.

ۋاشنگىتون پوستنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئامېرىكىلىق خىتاي ئامېرىكا سودا مىنستىرلىقى پاتېنت ۋە تاۋار بەلگىسى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان ۋە نۆۋەتتە ئۇ خىتايدىن چىقىشتىن چەكلەنگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشكەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بۇ ھادىسىنىڭ تۇنجى بولغان ئىش ئەمەسلىكى، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چەت ئەل پۇقرالىرىنى چېگرادىن چىقىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ،  خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەقسىتىمىز چەت ئەلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقى» دېگەن ئىبارىلەرگە يەر بېرىلگەن.

خەۋەردە خىتايدىن چىقىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەر خىتاي ئىچىدە ئەركىن يۈرۈشكە ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق كۆزىتىلىدىغانلىقى، بەزى ئەھۋاللارنىڭ ھەل قىلىنىشى بىر نەچچە يىلنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىر ئاز دېگەندە ئون نەچچە ئامېرىكىلىق خىتاي چىقىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكا تەرەپكە ئۆزى مەلۇم قىلىش ئارقىلىق كېلىدىكەن، كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت چېگرادىن چىقىش ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون مولېنائار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: "مەن بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىش دىپلوماتىيەسىنىڭ يەنە بىر ئەھۋالى بولۇشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىمەن، بۇ بىر تاكتىكا، تاسادىپى ئەمەس ۋە بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەركىنلىكى يۇقىرى ئەھمىيەتكە لايىق ۋە بۇ خىتاي تەرىپىدىن ناھەق قولغا ئېلىنغان يالغۇز ئامېرىكىلىق ئەمەس» دېدى.

دۇي خۇا فوندى رەئىسى جون كام ئاز دېگەندە 30 ئامېرىكىلىقنىڭ چىقىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساننىڭ 50 كىچە يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بەزى ۋاقىتلاردا ھەر ئايدا ئىككىچە يېڭى ئەھۋال بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، چىقىش چەكلىمىسى خىتاينىڭ چەت ئەل پۇقرالىرىنى كونترول قىلىش ۋە سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورالىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

خەۋەردە يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ قوش پۇقرالىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، بۇ دېگەنلىك ئەسلى خىتايدىن كەلگەن ياكى خىتاي پاسپورتى بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا پاسپورتى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا خىتاي پۇقرالىرى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي بىلەن ئارىمىزدا بولغان ھەقىقىي قىيىنچىلىق» دېگەن سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇندىن 22-ئىيۇلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر: «چېگرادىن چىقىشى چەكلەپ قويۇلغان مەزكۇر ئامېرىكىلىق خىتاي ھەققىدە خىتاي تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» دەپ سورىغان بولۇپ، ئۇ ھەر دائىمقىدەك: «مەندە تەمىنلىگۈدەك كونكرېت ئۇچۇر يوق. خىتاي قانۇن دۆلىتى، چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپلا بېزىرىپ تۇرغان.

مەزكۇر خىتاينىڭ خەۋەرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ۋەتەنگە بىمالال بېرىشى ۋە ھەرخىل سىنلارنى بەس-بەس بىلەن تارقىتىپ كۆز-كۆز قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشقا ھەسسە قوشقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى كۆپ ساندىكى خەلقىمىز تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيىتكە توغرا كەلدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پىشقەدەم سىياسەتچى ۋە ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە مەزكۇر خەۋەرگە قىستۇرما قىلغان سۆزىدە: «مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، خىتاي دۈشمەن دەپ قاراپ، مىللى قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن يوقۇتۇش نىشانى بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئامېرىكا-خىتاي ھەر ساھەدە تۇتۇشىۋاتقان بىر كەسكىن ۋەزىيەتتە، خۇددى بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك، خىتاي رېجىمى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان، ئەمما مىللىتى خىتايدىن بولغان ھۆكۈمەت خادىمىنىمۇ تەپ تارتماي تۇتۇپ رېجىم ئاستىغا ئالغان ۋەزىيەتتە، قانداق بولۇپ بىر تۈركۈم چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بەزىلىرى ھەتتا بىر مەزگىل خىتايغا قارشى پائاليەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان تۇرۇقلۇق، تۇيۇقسىزلا خىتاينىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئېرشىپ، ۋەتەنگە بېمالال بېرىپ كېلەلەيدىغان ۋە بۇ تىگى خىتاي ئامرىكىلىقتىنمۇ ئالاھىدە ئېمتىيازغا ئېرىشەلىدى؟ بۇ بېرىپ-كېلىش ئېمتىيازى نېمە بەدەل؟، نېمە كېلشىملەر بىلەن پۈتكەندۇ؟ دەپ يېزىش ئارقىلىق، قىرغىن قىلىنىۋاتقان مىللىتىنىڭ قېنى بەدىلىگە ئېرىشكەن ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پاسپورتى بىلەن يەنە شۇ مىللىتىنىڭ دەۋاسىنى سېتىۋاتقان بەزى ۋىجدانسىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي رېجىمى بىلەن قانداق سودىلاردا بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2274 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2025 23:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق