غايەت زور ئىران-خىتاي ھەمكارلىقى

غايەت زور ئىران-خىتاي ھەمكارلىقى: «10 يىل داۋاملاشسىمۇ ئۇرۇشىمىز»

ئىسرائىلىيەنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىرانغا قارشى باشلىغان ھۇجۇملىرىدىن 1 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. تەخمىنەن 12 كۈن داۋاملاشقان ۋە ئىراننىڭمۇ ئىسرائىلىيەنى زەمبىرەكلەر بىلەن نىشان قىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، تېھراننىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئانالىزلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئىران نۆۋەتتە مۇداپىئە خامچوتىدا مۇھىم ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، يېقىندا ئىراننىڭ خىتايدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالار ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىراننىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان J-10 ئايروپىلانلىرىغىمۇ قىزىققانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ھەربىي تەرەققىيات توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىدىغان'Army Recognition'  ناملىق ئىنتېرنېت تور بېكىتىدە، ئىران مەركىزلىك ISNA خەۋەر ئاگېنتلىقىغا تايانغان بىر خەۋەرگە ئورۇن بېرىلدى. ISNA دىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئىران پارلامېنتى مىللىي بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى، ئىراننىڭ ھەربىى چىقىملىرىنى مۇھىم دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان. 120 مىللەت ۋەكىلى قوللىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئىسرائىلىيە بىلەن بولۇشى مۇمكىن بولغان كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشلارغا تەييارلىق سۈپىتىدە، قوشۇن ۋە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى (DMO) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىران قوراللىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ھاياتۇللاھ قۇرەيشى، دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. قوراللىق كۈچلەر باش ئىشتابى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال مۇھەممەد رىزا ئەشتىيانى بولسا، ئىراننىڭ زۆرۈر بولسا ئون يىللىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايدىغان دەرىجىدە ھەربىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

رىزا ئەشتىيانى ئىران قوشۇنىنىڭ يېقىنقى توقۇنۇشلاردا مۇھىم زىيان كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، تېھراننىڭ 10 يىللىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايدىغان دەرىجىدە ھەربىي زاپاسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننىڭ 2023-يىلىدىكى ھەربىي چىقىمى تەخمىنەن 10.3 مىليارد دوللار ئىدى. ئىراننىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ھەربىي خامچوتىنىڭ 15.7 مىليارد دوللار بولغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، 2025-يىلى مالىيە يىلى ئۈچۈن تەخمىنەن 46 مىليارد دوللار بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

يېقىندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات تەشكىلاتلىرىدىن Middle East Eye (MEE) غا سۆز قىلغان ئەرەب ئەمەلدارلىرى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى ئالدىدا ئاجىز قالغان ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە خىتايدىن يېڭى ھاۋا مۇداپىئە باتارېيىلىرىنى تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇ مەسىلە توغرۇلۇق يەنە بىر رۇس مەنبەسىدە بولسا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى ئالدىدا ئۈنۈمسىز قالغان ھاۋا كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىتاي ئىشلەپچىقارغان J-10 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەمىنلىمەكچى بولغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن تەرەپلەر ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1149 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2025 23:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق