تۈركىيە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور نامەتجان مەمەتنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 26-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى مەركىزىدە «ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىشكە دائىر ئالاھىدە ساغلاملىق تەربىيەسى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.
بۇ يىغىننىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىش ۋە ساغلاملىققا ئائىت تونۇشنى ئۆستۈرۈش، مۇھىمى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولۇپ بولالمىغان مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىشەنچ ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە كەسىپ ئەھلى بولغان بىر گۇرۇپپا تېببىي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكتور نامەتجان مەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىشى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا ئۇيغۇرچە قوللانما تارقىتىلىدىكەن. ئۇيغۇر تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە ئائىت سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىدىكەن. يىغىن تەجرىبىلىك ئاممىۋى ساغلاملىق ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنداقلا بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ھەققىدىكى رەڭلىك بوياش كىتابى، قىزىقارلىق ئۆگىتىش قورالى تەمىنلىنىدىكەن.
مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ يېتەكچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئورخۇن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئالاقىدار مەزكۇر يىغىنغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىن 26-ئىيۇل (شەنبە) ئەتىگەن سائەت 9:30 دا سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋەقفى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر