خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇسسۇل فېستىۋالى ئۆتكۈزدى

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن يېقىندا يەنە چوڭ كۆلەملىك، خەلقئارالىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل فېستىۋالى 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە باشلانغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان 7-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل فېستىۋالى» 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا باشلانغان.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ جېڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار سۆز قىلغان. ئەركىن تۇنىياز خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل فېستىۋالىنىڭ 2008-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان دۇنياغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوبرازى»نى نامايان قىلغانلىقىنى، «خىتاي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان نام كارتىسى»غا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل فېستىۋالىدا «ئۇسسۇل ئوينايلى» ئىبارىسى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋە چەت ئەلنىڭ 24 سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ئوپېرا، بالېت قاتارلىق 52 مەيدان نومۇر ئورۇنلايدىغانلىقى، بىر قاتار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ئۇسسۇل فېستىۋالىنىڭ 5-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل فېستىۋالىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار قىزىل ئوپېرالىرىنىمۇ بازارغا سالغان. فېستىۋالغا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ئامېرىكا، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆمەكلەر تەكلىپ قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە فېستىۋالغا كەلگەن ئىتالىيە مىلان بالېت ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازاردا قىسقا نومۇر ئورۇنلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا بىر نەچچە مەيدان ئويۇن قويىدىغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىشقان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلار، پائالىيەتلەر بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىلىشلار شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شىركەت-كارخانىلىرى، ئورگانلىرى ۋە تۈرلۈك ساھەلەردىكى مۇئەسسەسەلىرى خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىگە بىلىپ-بىلمەي تەڭ ماسلاشماقتا.

 

بۇ خەۋەر 605 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2025 19:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق