مىكروسوفت شىركىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىدى

 

مىكروسوفت شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ خەلقئارادا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال SharePoint تىكى بىخەتەرلىك يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىلىك ھۇجۇم قوزغاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مىكروسوفت شىركىتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك بىلوگىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق بولغان ئاز دېگەندە ئىككى خىتاي خاككېر گۇرۇپپىسىنىڭ  مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان SharePoint يۇمشاق دېتالدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا مەخپىي سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن شىركەتلەر ئىشلەتمەكتىكەن.

مىكروسوفت شىركىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ «زىغىر تەيفېڭ بورىنى» ۋە «رۇخسار گۈلى تەيفېڭ بورىنى» دەپ ئاتالغان ئىككى خاككېرلىق گۇرۇپپىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئىزچىل تەرىقىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى ھۆكۈمەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىنسان ھەقلىرى، مائارىپ، تاراتقۇ، مالىيە ۋە مېدىتسىنا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنى ۋە شەخسلەرنى نىشانلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مىكروسوفت شىركىتى يەنە «بوران 2603» دەپ ئاتالغان يەنە بىر خاككېر گۇرۇپپىسىنىڭمۇ ھۇجۇم ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى، بۇ گۇرۇپپىنىڭمۇ خىتايدىن كەلگەن تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئاساسەن جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تور بىخەتەرلىكى شىركىتى Eye Security دۇنيادىكى 23 مىڭدىن ئارتۇق  SharePoint مۇلازىمىتېرىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق سىستېمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇمچە مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئالاقىدار ۋەقەدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا خاككېرلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا «قارا سۈركىشى»گە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

 

بۇ خەۋەر 383 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2025 19:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق